ئەلبابنى دائېشتىن تازىلاش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا

ئەلبابتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 16 نىشان بىت - چىت قىلىپ تاشلاندى.

634079
ئەلبابنى دائېشتىن تازىلاش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن تازىلاش ئۈچۈن 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى 119 – كۈنىگە قويدى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 119 – كۈنىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە 16 نىشان بىت - چىت قىلىپ تاشلاندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتقا كۆرە، قوزغىلاڭچى قىسىملار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەم ھاۋادىن، ھەم قۇرۇغلۇقتىن بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ياردەم قىلىشى نەتىجىسىدە ئەلبابنىڭ كونتروللۇقىنى تارتىپ ئېلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە نىشانلار قاتتىق بومباردىمان قىلىندى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەلباب رايونىدا بايقالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 16 نىشاننى بىت – چىت قىلىپ تاشلىدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى ئەلباب رايونىدا يەنە، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق دائېشقا تەۋە قورال ئورنىتىلغان بىر ئاپتوموبىلنىمۇ پاچاقلاپ تاشلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر