ئاقچە قەلئە ناھىيەسىدە دائېشقا ئەزا 16 نەپەر چەت ئەللىك قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن دائىشقا تەۋە مۇداپىئە ۋە قورال بازىلىرى شۇنداقلا قوماندانلىق مەركەزلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، 74 نىشاننى بىت – چىت قىلدى.

630482
ئاقچە قەلئە ناھىيەسىدە دائېشقا ئەزا 16 نەپەر چەت ئەللىك قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تازىلاش مەقسىتىدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى جەريانىدا 1 نەپەر تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 24 – ئاۋغۇستتا باشلانغان ھەربىي ھەرىكەت 113 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا، دائىشقا تەۋە مۇداپىئە ۋە قورال بازىلىرى شۇنداقلا قوماندانلىق مەركەزلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، 74 نىشاننىڭ بىت – چىت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەلباب  ۋە كەبىر ئەلمۇكرى رايونلىرىدا بايقالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 10 نىشاننى بومباردىمان قىلدى.

ھاۋا ھۇجۇمىدا، قوماندانلىق مەركىزى ۋە قورال ئىسكىلاتى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن 9 بىنا ۋە ئايروپىلان سوقار ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئاپتومۇبىل پاچاقلاپ تاشلاندى.

قوزغىلاڭچى قىسىملارغا ياردەم قىلىۋاتقان بومبا پاچاقلاش ئەترىتىمۇ 12 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنى پاچاقلىدى.

بۇ ئارىلىقتا ئارمىيە باش ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شانلىئۇرفانىڭ ئاقچە قەلئە ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەزا 16 نەپەر چەت ئەللىكنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر