تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، گىرېتسىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن قاچقۇن ئەسكەرلەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلمىگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

626756
تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھۈسەيىن مۈفتۇئوغلۇ گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن قاچقۇن ئەسكەرلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا: «ئۈچ قاچقۇن ئەسكەرنى قايتۇرۇش تەلىپى قوبۇل قىلىندى، ئەمما بەش قاچقۇن ئەسكەرنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنىڭ گىرېتسىيە ئالىي سوتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى چۈشىنىشتە قىينىلىۋاتىمىز» دېدى.

مۈفتۇئوغلۇ گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن سەككىز قاچقۇن ئەسكەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك مۇساپىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيەدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمىز، قاچقۇن ئەسكەرلەرنىڭ دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىدۇر.»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 7-دېكابىر ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان بىريۇسسېلدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن ئەسكەرلەرنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ گىرېتسىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن سەككىز قاچقۇن ئەسكەرنىڭ فەتھۇللاھچى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ھەممىسىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئارىسىدا ئايرىم كېلىشىملەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «قانۇندا ناھايىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن. بىز ھېچقاچان <قانۇننىڭ سىرتىغا چىقايلى> دېمەيمىز. ئەمما، كېلىشىملەردە، قانۇندا، خەلقئارا قائىدە-پىرىنسىپلاردا ۋە توختامنامىلەردە ناھايىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن. شۇڭا، بۇ كىشىلەر قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك» دېگەن ئىدى.

15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، «سىكورىسكىي» ناملىق ھەربىي تىك ئۇچار بىلەن گىرېتسىيەنىڭ دەدەئاغاچ شەھىرىگە قېچىپ كەتكەن ئەسكەرلەر پاناھلىق تىلىگەن ئىدى.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر