تۈركىيەدە بۈگۈن گۆكتۈرك – 1 سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىلىدۇ

تۈركىيەدە بۈگۈن سائەت 16:51دە ئاكىنچى بازىسىدىن گۆكتۈرك – 1 سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىلىدۇ.

623450
تۈركىيەدە بۈگۈن گۆكتۈرك – 1 سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ نىشان ئىستىخباراتىنى ئاساس قىلغان سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان گۆكتۈرك-1 سۈنئىي ھەمراھى بۈگۈن سائەت 16:51دە فىرانسىيە گۇياناسىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقى بىلەن مۇداپىئە سانائىتى باشقارمىسى تەرىپىدىن تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتىگە قاراشلىق ئاكىنچى بازىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان گۆكتۈرك-1 سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش مۇراسىمغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

دۇنيا ئوربېتىسىغا قونىدىغان بۇ سۈنئىي ھەمراھ، قويۇپ بېرىلىپ 57 مىنۇت بولغاندا  راكېتادىن ئايرىلىدۇ، 59 مىنۇت بولغاندا بولسا قۇياش تەگلىكلىرىنى ئاچىدۇ. بۇ سۈنئىي ھەمراھتىن تۇنجى سىگنال  68 مىنۇت بولغاندا كېلىدۇ.

تەخمىنەن 90 مىنۇت ئىچىدە دۇنيا ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدىغان بۇ سۈنئىي ھەمراھ، يىلدا 60مىڭدىن ئارتۇق كۆرۈنۈش تارتىشى كۈتۈلمەكتە.

بۇ سۈنئىي ھەمراھ تۈركىيەدىن ھەر ئۆتكىنىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تارتقان فوتو-سۈرەت ۋە كۆرۈنۈشلەرنى تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقى سۈنئىي ھەمراھ يەر ئىستانسىسىغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.

دۇنيادىكى باشقا سۈنئىي ھەمراھلارغا قارىغاندا ئېنىقلىق دەرىجىسى كۆرىنەرلىك يۇقىرى بولغان كۆرۈنۈشلەر تارتالايدىغان بۇ سۈنئىي ھەمراھ، دۆلەت ۋە ئاممىۋى ئورگانلار ئۈچۈن مۇھىت ۋە ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىش، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېنىقلاش، شەھەر قۇرۇلۇش، چېگرىلارنى كونترول قىلىش، يەر-زېمىن پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن ساھەدە يىراقتىن بىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر