ئەردوغان بىلەن پۇتىن يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

621137
ئەردوغان بىلەن پۇتىن يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىلىشى ۋە شەھەردىكى پۇقرالارغا ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى يولىدىكى خىزمەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.

بۇ، پۇتىن بىلەن ئەردوغاننىڭ يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق تېلېفوندا كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر