چەلىك، ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن تۈركىيە - ياۋورپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى بويىچە سۆھبەتلەشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، بىريۇسسېل زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

621154
چەلىك، ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن تۈركىيە - ياۋورپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى بويىچە سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆمەر چەلىك بۇ دائىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فرانس تىممېرمانس، كومىتېتنىڭ ئىنسانىي ياردەم ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى دىمىترىس ئاۋرامپۇلوس ۋە خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى جۇلىئان كىڭ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.

مىنىستىر چەلىك ئۇچرىشىشلىرىدا، تاموژنا بىرلىكى كېلىشىمىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرگە ۋىزىسىز كىرىشى دېگەندەك مەسىلىلەر بويىچە ئەنقەرەنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پەقەت خەۋپسىزلىك ۋە كۆچمەنلەر كىرىزىسىغا يىغىنچاقلىنىپ قالماسلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئۆمەر چەلىك زىيارىتىنىڭ ئىجابىي ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يوللىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە تىممېرمانسنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر