تۈركىيە ئىراقتا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كەربالادا خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن قايتقانلار نىشان قىلىنغان ۋە تەخمىنەن 100 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

617355
تۈركىيە ئىراقتا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «باغدادنىڭ جەنۇبىدىكى ھىللە شەھىرى ئەتراپىدا كەربالادىن قايتقان شىئە ھاجىلار نىشان قىلىنغان ۋە كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز. يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

باياناتنىڭ داۋامىدا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە دىنى، مەزھىپى ۋە ئېتنىك مىللىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر رايونىمىزغا تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تېررورىستلارغا قارشى كۈرەشتە ھەمىشە ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ ھەمدە ئىراق ھۆكۈمىتىنى قوللايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر