بىنالى يىلدىرىم خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلدى

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭ فەتھۇللاچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا تۈركىيەگە قارشى ھېچقانداق پائالىيەت قىلىشىغا روخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا قارشى كېرەكلىك مۇداخىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

604447
بىنالى يىلدىرىم خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭنى ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

4 - نويابىر جۇمە كۈنى ئەتتىگەندە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، ئىستىراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە خىتايدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم تارىخىي يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىنالى يىلدىرىم سۆزىدە، بۇ پىلاننىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئېدىرنا – قارس تۆمۈر يولى لايىھەسىدىمۇ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسياندىن كېيىن خىتاينىڭ تۈركىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ فەتھۇللاچى تېرورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق شەخس ۋە جەمئىيەتلەرگە قارشى تاشلىغان قەدەملىرىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ بولسا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى جەھەتتە كۆز – قاراشلىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، كېلىشىم بويىچە ئىككى دۆلەت باش مىنىسىتىرلار ياردەمچىلىرى سەۋىيەسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەسلىھەت كېڭەش يىغىنىنى ئاساس قىلغان ھالدا باش مىنىستىر ياردەمچىسى مەھمەت شىمشەك بىلەن ئېلىپ بارىدىغان يىغىننىڭ پايدىلىق ۋە ئۆنۈملۈك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ يەنە، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسياندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىقىنى، خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەكتۈپىنى تۈركىيەگە سۇنغانلىقىنى، فەتھۇللاچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا تۈركىيەگە قارشى ھېچقانداق پائالىيەت قىلىشىغا روخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ۋە خىتايدا تۇرۇشلۇق فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا قارشى كېرەكلىك مۇداخىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر