تۈركىيە خىتايغا قارشى ھەر قانداق پائالىيەتكە رۇخسەت قىلمايدۇ

مۇئاۋىن باش مىنىستىرمەھمەت شىمشەك تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ تۇنجى يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ خىتايغا قارشى ھەر قانداق پائالىيەتكە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

603900
تۈركىيە خىتايغا قارشى ھەر قانداق پائالىيەتكە رۇخسەت قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا مۇئاۋىن باش مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە قۇرۇلغان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ تۇنجى يىغىنى ئەنقەرەدە ئېچىلدى. تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك يىغىندىن كېيىن، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالدى.

مەھمەت شىمشەك يىغىندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۆزئارا بىر-بىرىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش پىرىنسىپى ئاساسىدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك تۈركىيەنىڭ خىتايغا قارشى ھېچقانداق پائالىيەتكە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تۇنجى كومىتېت يىغىنىدا، مەدەنىيەتتىن مائارىپقىچە، خەلق ئاۋىياتسىيەسىدىن مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيەتلىرىگىچە نۇرغۇنلىغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنىغا، تۈركىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى مۇرات چەتىنكايادىن باشقا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، ئەدلىيە، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار، ئىچكى ئىشلار، قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتناشتى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا سىياسەتتىن ئىقتىسادقىچە بولغان نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان «ھۆكۈمەتلەرئارا ھەمكارلىق كومىتېتى» نىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر