تۈركىيە مەككە مۇكەررەمەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغان ھۇسىيلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەنگە چېگرىداش رايونلىرىغا پات - پات باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھۇسىي قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ مەككە مۇكەررەمەگە بىلاستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇقەددەس جايلارنىڭ بىرسى بولغان مەككە مۇكەررەمەگە ھۇسىي قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ بىلاستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «سەئۇدى ئەرەبىستان بىخەتەرلىكنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمنى توسۇپ قالغانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇق» دېيىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار تۈنۈگۈن (28 – ئۆكتەبىر كۈنى) ھۇسىي قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ يەمەننىڭ سادا ۋىلايىتىدىن مەككە مۇكەررەمەگە ئاتقان بىلاستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مەككىگە 65 كېلومېتىر قالغان جايدا ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەن ئىدى.
يەمەندە قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھۇسىيلار 2014 – يىلىدىن بۇيان پايتەخت سانا قاتارلىق بىر قانچىلىغان شەھەرنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىىپاقداش قىسىملار 2015 – مارت ئېيىدا ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەنگە چېگرىداش رايونلىرىغا پات - پات باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.