بىتلىس، ھاككارى، شىرناق، دىيارباكىر ۋە ماردىندا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ بىتلىسنىڭ تاتۋان ناھىيەسىدىكى ئۇۋىلىرىنى ئوققا تۇتتى.

590607
بىتلىس، ھاككارى، شىرناق، دىيارباكىر ۋە ماردىندا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىتلىسنىڭ  تاتۋان ناھىيەسىدىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 4 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى، زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن كېيىنكى چارلاش جەريانىدا رايوندىن يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان 5 دانە پارتلاتقۇچ، 4 دانە ئۇزۇن مۇساپىلىك مىلتىق ۋە كۆپ مىقداردا ئوق – دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.

ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسىدە داۋاملىشىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 300 دانە پىلىموت ئوقى بىلەن 3 دانە زەمبىرەك ئوقى قولغا چۈشۈرۈلدى.

شىرناقتىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا تېررورچىلارنىڭ 11 دانە پاناھلىنىش مەركىزى ئېنىقلاپ چېقىلدى .

دىيارباكىرنىڭ سىلۋان ناھىيەسىدە بولسا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى  4 ئۆڭكۈردىكى چارلاش جەريانىدا قولغا چۈشۈرگەن 450 كىلوگىرام ئاممونىي نىتراتنى يوقىتىپ تاشلىدى.

ماردىننىڭ دەرىك ناھىيەسىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 11 گۇماندار نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر