تۈركىيە ئايروپىلانلىرى ئىراقنىڭ شىمالىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن، باسيان ۋە قاندىل رايونلىرىغا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

584577
تۈركىيە ئايروپىلانلىرى ئىراقنىڭ شىمالىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى تېررورلۇق نۇقتىلىرىغا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھەرىكىتىدە، پ ك ك (PKK ) تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىشلىتىۋاتقان تۆت پاناھلىنىش جايى، بىر ئۆڭكۈر ۋە بىر دانە ئىسكىلات بىتچىت قىلىندى.

تۈركىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئېلان قىلغان باياناتتا، «تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 2016-يىلى 6-ئۆكتەبىر سائەت 20:40- 19:37ئارىسىدا ئاۋاشىن، باسيان ۋە قاندىل رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، رايوندا بايقالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان تۆت پاناھلىنىش جايى، بىر ئۆڭكۈر ۋە بىر ئىسكىلات بىتچىت قىلىندى» دېيىلدى.

باياناتتا، ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن تامالىغان ئايروپىلانلارنىڭ بىخەتەر ھالدا بازىغا قايتىپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر