چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى بىلەن تېلېفونلاشتى.

580648
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيە كىرىزىسى، ھەلەبنىڭ ئەھۋالى، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلار، سۈرىيەدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بېرىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تېخىمۇ ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ ماكېدونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولا پوپوسكى بىلەنمۇ تېلېفونلاشتى.

تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئۆزئارا ئىشقا ئاشۇرىدىغان زىيارەت تەقۋىمىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر