ت ر ت مۇدىرى شەنو گۆكا ماكېدونىيەدە زىيارەتتە بولدى

ۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) مۇدىرى شەنول گۆكا ماكېدونىيە پايتەختى سىكوپژېدىكى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلدى

580434
ت ر ت مۇدىرى شەنو گۆكا ماكېدونىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت مۇدىرى شەنول گۆكا ماكېدونىيە پايتەختى سىكوپژېدىكى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئالبانچە، ماكېدونچە بۆلۈمى باشلىقى ئادنان ئىدرىزدىن ئاگېنتلىقنىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئالدى. ئۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا: «ئانادولۇ ئاگېنتلىقى قەيەرگە يېتىپ بارسا، بىزگە ھەردائىم ياردەمچى بولدى» دېدى. ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت سىكوپژېدىكى يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلدى. ئۇنىڭ زىيارىتىگە، ت ر ت رادىيو باشقارمىسى باشلىقى ۋە مۇزىكا باشقارمىسىنىڭ مۇدىر ۋەكىلى ئامبەر تۈركمەن، ت ر ت چەت ئەل تىللىرىدا ئاڭلىتىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سۈلەيمان ئەردال، ت ر ت تاشقى مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چاغلان تانكۇر يۆرۈمەز، ت ر ت تېلېۋىزىيە باشقارمىسى باشلىقى تۇنجاي يۈرەكلى، ت ر ت تەلىم-تەربىيە باشقارمىسى باشلىقى ئادنان ئارىكانلى، ت ر ت خەۋەر ۋە سپور قانىلىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قۇدرەت دوغاندەمىر، ت ر ت ئەنقەرە رادىيوسى پىروگرامما مۇدىرى مۇرات ئالتۇنكايناك ۋە ت ر ت سىكوپژېدىكى ۋەكىلى بەكىم مۇفتارەۋىچ قاتارلىق كىشىلەر ھەمراھ بولدى.

ھەيئەت بۈگۈن (30-سېنتەبىر) سىكوپژېدا بالقان رايونىغا مەسئۇل ئاخبارات خادىملىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر