«فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى  «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت 23 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا بايانات ئېلان قىلدى.

571449
«فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە سۈرىيە چېگرا لىنىيەسىدە جەرابلۇس ۋە رەي رايونىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ داۋاملىق كۈچەيتىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئارمىيەسى ھازىرغىچە 527 نىشاننى 2 مىڭ 255 قېتىم بومبىلىغان.

بۇ ئارىلىقتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مەنسۇپلىرى كۆمۈپ قويغان 26 مىنا ۋە 671 پارتلاتقۇچ پاچاقلاپ تاشلانغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى بىلەن تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن پۇقرالارغا ئارقا سەپ تەمىناتى خىزمىتى جەھەتتىن ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتكە ياردەم بېرىۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسى رايوندا ياشاۋاتقان پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر