تۈركىيەنىڭ %100 مىللىي باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى «سوم» ئىشلىتىشكە تەييار ھالەتكە كەلدى

تۈركىيەنىڭ يۈزدە يۈز يەرلىك سەزگۈر كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ‹سوم› تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئىشلىتىشكە تەييار ھالغا كەلدى.

566337
تۈركىيەنىڭ %100 مىللىي باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى «سوم» ئىشلىتىشكە تەييار ھالەتكە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 500 كىلومېتىر مۇساپىگە يېتىپ بارالايدىغان «سوم» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنىڭ بىرى بولۇپ، كۈچلۈك مۇھاپىزەت ئاستىدىكى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز نىشانلىرىنى ئەڭ تۆۋەن خاتا بىلەن يوقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

«سوم» قىيىن شارائىتلارغا چىداشلىق، يۇقىرى دەرىجىدىكى پارتلاتقۇچى پارچىلارغا ئىگە بولۇشتىن باشقا، يۈزدە يۈز يەرلىك بولۇش ئەۋزەللىكى بىلەنمۇ ئالاھىدە دىققەتنى تارتماقتا.

«سوم» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا خەرىتە سىستېمىسى، مۇئەييەن ئورۇنغا توغرىلاش سىستېمىسى ۋە كۆرۈنۈش ئېلىش ئىقتىدارلىق ئىنفىرا قىزىل نۇر ئىزدىگۈچى باشلىقىغا ئىگە بولۇپ، ئايروپىلاندىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قاناتلىرىنى ئېچىپ ئىلگىرىلىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئاخىرىدا موتورىنى قوزغىتىپ، بەلگىلەنگەن نىشانغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ.

سىگنال ئۈزۈلۈپ كەتكەن ياكى قالايمىقانلاشتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، ئالدىن قاچىلانغان ئۇچۇرلار سايىسىدا يۆنىلىشىنى توغرىلاپ، نىشانىغا ئىنتايىن سەزگۈرلۈك بىلەن يېقىنلىشىدۇ. «سوم» بۇ خىل ئىقتىدارلىرى ئارقىلىق ئۇزۇن مۇساپىدىكى نىشانلىرىنى ھاۋا شارائىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يوقىتىپ تاشلىيالايدۇ.

«سوم» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۈچۈن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ مەنزىلگە كىرىشىگە كېرەك قالمايدۇ. بەلگىلەنگەن نىشانغا ئاسان ۋە ناھايىتى دەل زەربە بېرەلەيدۇ.

دۈشمەن ھاۋا مۇداپىئە رادارلىرىغا چۈشمەسلىك ئالاھىدىلىكىمۇ بار بولغان مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇساپىسىنى ئاشۇرۇش خىزمەتلىرى سۈرئەت بىلەن داۋاملاشماقتا. ئىگىلىنىشىچە، نىشان يېتىپ بېرىش مۇساپىسىنى 500 كىلومېتىردىن 2500 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈش ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر