تۈركىيە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ «سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش يوق جايلاردىكى توقۇنۇشلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن باياناتىغا بولغان ئىنكاس، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغان ئامېرىكا باش ئەلچىسى جون باسقا يەتكۈزۈلدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ مىنىستىرلىقتا قوبۇل قىلغان باش ئەلچى جون باسقا، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ فىرات قالقىنى توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د ياكى ي پ گ نىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە چېكىنىشى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.