ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

560052
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چۈش تەرەپلەردە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ جەرابلۇسقا قىلغان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن دائېش قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەر تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورمالاشتۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەلەبكە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە خىتايدا چاقىرىلىدىغان 20 – گ گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئەسناسىدا ئايرىم كۆرۈشۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر