ئەردوغان جەرابلۇسقا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

ئەردوغان: «بىزنىڭ سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزغا سەمىمىي ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشتىن باشقا ھېچقانداق نىيىتىمىز ۋە پائالىيىتىمىز بولۇپ باقمىدى» دېدى.

558254
ئەردوغان جەرابلۇسقا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدىن تۈركىيەگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا خاتېمە بېرىش ئۈچۈن بۈگۈن(24-ئاۋغۇست) ئەتىگەن سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان مېيىپلارنى دۆلەتنىڭ ئىدارە-ئورگانلىرىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەنقەرەدە چاقىرىلغان چەك تاشلاش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، يېقىندىن بۇيانقى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغانلار سانىنىڭ 241 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا تەزىيە تىلەكلىرىنى ئېيتتى. تۈركىيەنىڭ يەنە قايتىدىن بۇنداق ئازابلارغا دۇچار بولماسلىقىنى تىلىدى.

ئۇ سۆزىدە: «نۆۋەتتە تولىمۇ ئەپسۇسكى، سۈرىيەدىن مەملىكىتىمىزگە، غازىئانتەپ ۋە كىلىس شەھەرلىرىمىزگە قىلىنغان ھۇجۇملار بۇ ئىشنى مۇشۇ نۇقتىغا ئېلىپ كەلدى. ئەمدى بۇ ئىش مۇشۇ يەردە ئاخىرىلىشىشى لازىم، دېدۇق. ئەتىگەن سائەت 04:00 بىلەن دائېش ۋە پ ي د غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكىتىمىزنى باشلىدۇق.  ئەمدى بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشىمىز لازىم. بەزىلىرى تېخى بىزگە جەڭ ئېلان قىلىشىپ يۈرۈيدۇ. سۈرىيە تۈركىيەگە نىسبەتەن ئۇنداق بولىدۇ، مۇنداق بولىدۇ، دېيىشىۋاتىدۇ. ئۇلارغا مەن بۇيەردىن شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەمدى سىلەر نېمە بولىدىغانلىقىڭلارنىڭ ھېسابىنى قىلىڭلار» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تۈركىيەگە نىسبەتەن تەھدىت شەكىللەندۈرگۈچى مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا قارشى بۇ مىللەت ئارمىيەسى، ساقچىسى ۋە قوغدىۇچىلىرى شۇنداقلا پۈتۈن خەلقى بىلەن مەۋجۇتتۇر ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

تېررورلۇققا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئەردوغان: «ئەگەر تېررورلۇققا قارشى پۈتۈن دۇنيا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلمىسا، بارلىق ئىنسانىيەت بۇنىڭغا جاۋابكار بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز شەرت. بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپتىن تارتىپلا كۈچلۈك رىشتىمىز مەۋجۇت بولغان سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزغا سەمىمىي ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشتىن باشقا ھېچقانداق نىيىتىمىز ۋە پائالىيىتىمىز بولۇپ باقمىدى» دېدى.

ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىسلام بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ: «پىشانىسىگە كەلىمە تەۋھىدنىڭ لېنتىسىنى ئېسىۋالغان بىلەنلا مۇسۇلمان بولۇپ قالمايدۇ، بايراققا كەلىمە تەۋھىدنى يېزىۋېلىش بىلەنلا مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدۇ، ئاللاھنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدۇ، بۇلارنىڭ ئىسلام بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، بەلكى دەل ئەكسىچە، مۇشۇ ئەسىردە ئىسلامنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايى – ئاپەتتۇر» دېدى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالامۇ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ جەرابلۇسقا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ: «تۈركىيەگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا قاراپ تۇرساق بولمايتتى» دېدى.

ئەفكان ئالا  ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ تەھرىرلەر ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇشۇ دائىرىدە پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، جەرابلۇس تولۇق تازىلانغان ۋە چېگرادىكى تېررورلۇق تەھدىتى تولۇق يوقىتىلغانغا قەدەر ھەربىي ھەىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا تۈركىيەنىڭ  ئۆز چېگرالىرىنىڭ ۋە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بارلىق پائالىيەتلەرنى قىلماقتا، تۇرۇشقا تېگىشلىك مەيداندا تۇرماقتا. بۇ جەرياندا، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ سەزگۈرلىكى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماستىن ئىش قىلماقتا» دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر