تۈركىيەنىڭ سىياسەت ساھەسىدە يېڭى بىر تىل ۋە ئۈسلۈپ بەرپا بولدى

نۇمان قۇرتۇلمۇش، «ھەممەيلەن مۇرىنى مۇرىگە تېرەپ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىشى ۋە كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن ئاساسىي قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇلايدىغان قەدەملەرنى تاشلىشىمىز لازىم» دېدى.

554182
تۈركىيەنىڭ سىياسەت ساھەسىدە يېڭى بىر تىل ۋە ئۈسلۈپ بەرپا بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان مەسىلىلەرنى ئازايتىش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت شايكىسى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى جىددىيلەشتۈرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ بېلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچلەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «15 – ئىيۇلدا تۈركىيەدە خەلقنىڭ نامايان قىلغان قىلغان ھەمكارلىق رۇھى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە مېدىيانىڭ ئوتتۇرىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، دېموكراتىيەنى قوغدىغانلىقى ۋە بۇنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغانلىقى ھەم سىياسەت ساھاسىدە، ھەم باشقا بارلىق ساھالەردە يېڭى بىر تىل، يېڭى بىر ئۈسلۈبنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. ئۈمىد قىلىمىزكى، بۇ ئۈسلۈب ئاداققىچە داۋاملاشقاي» دېدى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش چانكايا سارىيىدا دېپلوماتىيە ساھاسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان گېزىت، تېلېۋىزىيە ۋە بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي مۇقىملىقنى داۋاملاشتۇرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن نۇمان قۇرتۇلمۇش، «ھەممەيلەن مۇرىنى مۇرىگە تېرەپ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىشى ۋە كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن ئاساسىي قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇلايدىغان قەدەملەرنى تاشلىشىمىز لازىم. بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن تۈركىيەدە تۇلۇق مەنىسى بىلەن دېموكراتىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر