باش مىنىستىر يىلدىرىم 15 - ئىيۇلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى تەكشۈرۈشلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى.

554327
باش مىنىستىر يىلدىرىم 15 - ئىيۇلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى
başbakan trt1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر دائىرىسىدە ساقچى، ئەسكەر، ئەدلىيە خادىملىرى، دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە پۇقرالاردىن بولۇپ 40 مىڭ 29 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم، TRT نىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى تەكشۈرۈشلىرىگە دائىر ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى.

5187 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىدىكى رەسمىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، 20355 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، دۆلەت ئورگانلىرىدا 79900 كىشىنىڭ خىزمەتتىن توختىتىلغانلىقىنى، 5014 كىشىنىڭ دۆلەت مەمۇرلۇقىدىن چىقىرىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇ، يېڭى قانۇن ئورنىدىكى قارارنامەدە ئورۇن ئالغان جازا مۇددىتىنى سىرتتا ئىجرا قىلىش بەلگىلىمىسى توغرىسىدا توختىلىپ، 38 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنىڭ شەرتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇنىڭ بىر كەچۈرۈم قىلىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن باش مىنىستىر يىلدىرىم، 1 – ئىيۇلدىن كېيىن سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمە دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە شەرتلىك قويۇپ بېرىش بەلگىلىمىسىنىڭ دائىرىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىك، خۇسۇسىي ھايات ۋە ھاياتنىڭ مەخپىيەتلىكىگە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە قوزغاتقۇچى ماددا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭ سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر، ئاساسىي قانۇنغا قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر، دۆلەت مۇداپىئەسىگە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر، دۆلەت سىرلىرىنى پاش قىلىش جىنايەتلىرى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنىغا قارىتا سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر،  بۇلار ھېچبىر شەكىلدە بۇنىڭدىن پايدىلىنالمايدۇ.»

ئىككىنچى بىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى كېرەكلىك چارە – تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر يىلدىرىم، ‹ئەتە يەنە بىر قوراللىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى بولىدۇ› دەيدىغان بىر ئېھتىماللىقتىن، بىر ئىسسىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى ئېھتىمالى بارلىقىدىن ئېغىز ئاچمىغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە سەۋەب بولغان باش ئاكتىيور تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چېتىشلىق كىشىلىرى تولۇق ئاشكارىلىنىپ، خەۋپ بولۇشتىن چىقىرىپ بولۇنمىدى، بۇ ھەقتە توختىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولىدىغان تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتى خاتىرىلىتىلگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بۇ، بىزنىڭ ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش تەلىپىمىزگە ئاساسەن بېرىلگەن بىر بايانات بولسا كېرەك. ئامېرىكا نەتىجىدە جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى بىلگەن، ئىسپاتلانغان بىر تەشكىلاتنىڭ باشلىقىنى، باش تېررورچىنى ئاقلىمايدۇ. ئامېرىكىمۇ بىزگە ئوخشاش قانۇن دۆلىتى. بۇنداق بىر ئىشنى ئويلاشمۇ خاتا.»

دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشىغا دائىر پىلانلار ھەققىدىمۇ توختالغان باش مىنىستىر يىلدىرىم، ئىچكى ۋە تاشقى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە مەسئۇل ئىككى ئايرىم تەشكىلاتنىڭ شەكىللەندۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشكە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، ئىچكى دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ماسلىشىشنى دۆلەت بىخەتەرلىك كوردىناتسىيە باشقارمىسى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ ۋاندىكى ساقچى مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمى ھەققىدىمۇ توختالغان يىلدىرىم، «نېمە قىلىشسا قىلىشسۇن، بىر ئاز ئازاب چېكىمىز، لېكىن، نىھايىتىدە بۇلارنىڭمۇ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىمىز. بۇنىڭدىن مىللىتىمىز خاتىرجەم بولسۇن. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قانداق بىتچىت قىلغان بولساق، بۇلارنىمۇ بىتچىت قىلىمىز» دېدى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ ئالاقىسى توغرىسىدا، «بۇ سىر ئەمەس. سۆزلىشىشلىرىدىن، دۆلەت بىخەرلىك دوكلاتلىرىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن ئىلگىرىمۇ كۆرۈشۈپتۇ، كېيىنمۇ كۆرۈشۈپتۇ. ئۆزئارا بەزى ئىشلارنى قارار قىلىشىپتۇ.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، مېنبىچ مەسىلىسىدە سۈرىيە ئەرەب كوردىناتسىيەسى، دەيدىغان بىر قۇرۇلمىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ئامېرىكىنىڭ بۇ يەردە ھەرقانداق بىر كورد ئورۇنلىشىشغا، تەشكىلاتىغا يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە بىر ۋەدىسىنىڭ بارلىقىنى ۋە ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى تەكرارلىغانلىقىنى،  بۇ مەسىلىنىڭ يېقىندىن كۈزىتىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر