8 ئىسيانچى ئەسكەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە دائىر ھۆججەتلەر گىرېتسىيەگە يوللاندى

گىرېتسىيەدىكى سوتتا 8 ئىسيانچى ئەسكەرنىڭ ھەر بىرىگە 2 ئايلىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىدى.

553008
8 ئىسيانچى ئەسكەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە دائىر ھۆججەتلەر گىرېتسىيەگە يوللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت شايكىسى (FETÖ/PDY)نىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن 8 ئىسيانچى ئەسكەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە دائىر تەلەپ - ھۆججەتلەرنى گىرېتسىيەگە يوللىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قانۇن ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسى باش مۇدىرلىقى، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى»نىڭ ماددىلىرى دائىرىسىدە، 8 ئىسيانچى ئەسكەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت تەييارلىغان ئىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللانغان ھۆججەتلەر گىرېتسىيەگە ئەۋەتىپ بېرىلدى.

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھازىرلانغان قايتۇرۇپ بېرىش تەلەپنامىسىدە، 2016 – يىلى 16 - ئىيۇل كۈنى گىرېتسىيەنىڭ دەدەئاغاچ ئايرودۇرۇمىغا قونغان تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە «Sikorsky» ماركىلىق ۋە «S70 Hawk S/N 11308» نومۇرلۇق تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى ئىسىملىرى ۋە مەنسەپلىرى ئوچۇق بىلدۈرۈلگەن 8 ھەربىي خادىمنىڭ «زورلۇق ۋە زوراۋانلىق  بىلەن دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى ئاياق-ئاستى قىلىش»، «جۇمھۇر رەئىسكە سۇيىقەست قىلىش»، «قانۇن ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى جىنايەت»، «قورال كۈچىگە تايىنىپ بىردىن ئارتۇق كىشى بىلەن كېچىدە بۇلاڭچىلىق قىلىش» جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن قايتۇرۇپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.

15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن 8 ئىسيانچى ئەسكەر گىرېتسىيەدىكى سوتتا، «قانۇنسىز ئۇچۇش ۋە مەملىكەتكە قانۇنسىز كىرىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە دەدەئاغاچ جىنايى ئىشلارسوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 8 ئىسيانچى ئەسكەرنىڭ ھەر بىرىگە 2 ئايلىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر