باش مىنىستىر يىلدىرىم تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلدى

باش مىنىستىر يىلدىرىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلدى.

545771
باش مىنىستىر يىلدىرىم تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىمنى تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتابىنىڭ ئالدىدا باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار، مۇئاۋىن باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ئۈمىت دۈندار ۋە باش ئىشتاب باش كاتىپى مايور گېنېرال ئىرفان ئۆزسەرت قارشى ئالدى.

ھۆرمەت قاراۋۇلىغا سالام بەرگەن يىلدىرىم شەرەپ دەپتىرىنى ئىمزالىدى، قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئاقار بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدا ئىسيانچىلارنىڭ تۇنجى نىشانلىرىدىن بىرى بولغان باش ئىشتابنى تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ زىيارەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر