ئەنگلىيە باش ئەلچىسى 15 - ئىيۇلدىكى ۋەقەلەردە شېىھت بولغان ساقچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى

ئەنگلىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىچارد مۇر، تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باش مۇدىرى جەلالەتتىن لەكەسىزنى زىيارەت قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى.

541520
ئەنگلىيە باش ئەلچىسى 15 - ئىيۇلدىكى ۋەقەلەردە شېىھت بولغان ساقچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىچارد مۇر، تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باش مۇدىرى جەلالەتتىن لەكەسىزنى زىيارەت قىلىپ، 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە شېھىت بولۇپ كەتكەن جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، باش ئەلچى مۇر، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن تۈركىيەگە تۇنجى بولۇپ كەلگەن چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالان دۇنكان بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەنگلىيەنىڭ ھەردائىم تۈركىيەدىكى دېموكراتىك ئورگانلارنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مۇر، تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىكى جاسارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھالدا، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن فەتھىييە ۋە مارمارىسنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر