ئەردوغان بىر قاتار ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا قارشى تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان بىر قاتار لىدېرلار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

539031
ئەردوغان بىر قاتار ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈگۈن تەرتىپى بويىچە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى باشلىقى باكىر ئىززەتبېگوۋىچ، بەھرەيىن پادىشاھى ھەمەد بىن ئىسا بىن خەلىفە ۋە ب د ت باش كاتىپى بانكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلغان رەھبەرلەرنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى، تۈركىيەدە سايلام ئارقىلىق ئىش بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇ جەھەتتە تۈرك خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا رەھبەرلەرنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ ئوقىدا ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

تۇنىستىكى نەھدە ھەرىكىتى رەھبىرى راشىد ئەلغەننۇشىنىڭمۇ بۇ دائىرىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون ئالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر