تۈركىيە پارلامېنتىدا فەتھۇللاھچىلارنىڭ ئىسيانىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئىسيانىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلدى.

538199
تۈركىيە پارلامېنتىدا فەتھۇللاھچىلارنىڭ ئىسيانىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئىسيانى توغرۇلۇق مەجلىس تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش مەسىلىسى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

بۇ مەسىلە توغرۇلۇق تەكلىپ لايىھەنى تەييارلاپ چىققان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى گۇرۇپپا ۋەكىلى ئىلكنۇر ئىنجەئۆز، تۈركىيەنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ۋە خائىن بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى مۇغلا پارلامېنت ئەزاسى سۈھا ئالدان، قۇرۇلىدىغان تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇرەسسە كومىتېتىغا ئوخشاش ئەزلىرىنىڭ ھەر بىر پارتىيەدىن تەڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

«ئەنقەرەدە بىر باش تەپتىش ۋەكىلىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇھاپىزەتچىسىدىن بۇيرۇق ئالغانلىقىنى»بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئالدان مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق بىر قۇرۇلما ئەتراپىمىزدا مەۋجۇت.»

بۇ قۇرۇلما بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان كىشىلەرنىڭمۇ ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئالدان مۇنداق دېدى: «بۇ ئىش باشقىچە تۈسكە كىرىپ قالماسلىقى كېرەك.»

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى مۇغلا مىللەت ۋەكىلى مەھمەت ئەردوغان مۇرەسسە ۋە دىئالوگ مۇھىتىنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

15-ئىيۇلدىن بۇيان ئون مىڭلارچە دۆلەت كادىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئېتقان ئەردوغان مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئورگانلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ نىشاننى بۇرۇۋەتكەنلىكى توغرىسىدا گەپ-سۆزلەر بار. بۇ ئىشقا تولىمۇ ئەستايىل مۇئامىلە قىلىش لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر