تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقى: ئۆلسەك شېھىت، قالساق غازى ئېڭى بىلەن ھەرىكەت قىلىمىز

باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار، «ئۆلسەك شېھىت، قالساق غازى، دېگەن دەستۇر بىلەن خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ۋەزىپىلىرىمىزنى ئورۇنداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

536538
تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقى: ئۆلسەك شېھىت، قالساق غازى ئېڭى بىلەن ھەرىكەت قىلىمىز
Akar Ala ziyaret1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار ۋە ھەمرالىقىدىكى قوماندانلار ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، مىنىستىر ئەفكان ئالاغا خائىن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن 15 – ئىيۇلدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ، «بۇنداق گۇرۇھلار، تېررورچىلار ھېچقاچان بۇ دۆلەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولالمايدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ، لېكىن زىيان يەتكۈزەلەيدۇ، لەنەت بولسۇن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر ئالا، باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار ۋە ئارمىيە قوماندانلىرى ئارقىدىن ئەنقەرە ساقچى تەشكىلاتى باش ئىدارىسىغا بېرىپ، بىنانىڭ تېررورچىلار تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغان قىسمىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ساقچىلار بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ ئىككىنچى قارىمۇ قارشى ھالغا كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. گېنېرال – پولكوۋنىك ئاكار ساقچىلارغا خىتاب قىلىپ، «بىرلىكتە تەر تۆكتۇق، بىرلىكتە قان تۆكتۇق. دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىمىز» دېدى.

ھەيئەت ئارقىدىن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئەڭ كۆپ ئادەم شېھىت بولغان ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسىغا باردى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا ئۇ يەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا سۆز قىلىپ، بۇ پەسكەشلەرچە قىلىنغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ۋەتەن ئەۋلادى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ھۇلۇسى ئاكارمۇ، «تۈركىيە ئارمىيەسىگە بۇ پەسكەشلىكنى قىلغانلارنى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ مەنسۇپى دېگىلى بولمايدۇ. بۇلار يىلانلار، چايانلار، تېررورچىلاردۇر» دېدى.

ئارقىدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان گېنېرال – پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار ۋە ھەمرالىقىدىكى قوماندانلار بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر