تۇنجەلىدە بىر ساقچى شېھىت بولدى
تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تۇنجەلىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر ساقچىنىڭ شېھىت بولۇشى، ئىككى ساقچىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.
536517
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجەلىدە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ راكېتامىيوت ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بىر ساقچى شېھىت بولدى، 2 ساقچى يارىلاندى.
شەھەر مەركىزىگە يېقىن جايدىكى تۇنجەلى – ئوۋاجىك تاش يولى بويىغا جايلاشقان ساقچى پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا يارىلانغان ساقچىلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، تېررورچىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى ئۈچۈن رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.