ئەردوغان ھەربىي ئىسياننى ئاڭلاپ، دەسلەپتە ئىشەنمىگەنلىكىنى ئېيتتى

ئەردوغان: «كېيىن ئىستىخبارت ئىدارىسى ۋە باشقا مەنبەلەردىن ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ خەۋىرى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن دەرھال كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالدۇق» دېدى.

533780
ئەردوغان ھەربىي ئىسياننى ئاڭلاپ، دەسلەپتە ئىشەنمىگەنلىكىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 15 – ئىيۇل كېچىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشىنى تۈنجى قېتىم بىر تۇغقىنىدىن ئاڭلىغاندا بۇنىڭغا ئىشىنىشنى خالىمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «كېيىن ئىستىخبارت ئىدارىسى ۋە باشقا مەنبەلەردىن ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ خەۋىرى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن دەرھال كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالدۇق» دېدى. 

ئەردوغان ئەلجەزىرە تېلېۋزىيە قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، 15 – ئىيۇل كىچىسى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۈستىدە توختالدى.

 جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەۋەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھامانلا تۈركىيە خەلقىدىن دېموكراتىيەگە ئىگە چىقىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

ئەردوغان بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان 10 مىڭلىغان كىشىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسى ئىچىدىكى ئۇ ئازغىنە گورۇھنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا قارشى كوچىلارنى قوغدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر