«تۈركىيە خەلقى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ بۇ خىيانىتىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ»

باش ئىشتاب باشلىقى تۈركىيە خەلقىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ۋەتەنگە قىلغان رەزىللەرچە خىيانىتىنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

530554
«تۈركىيە خەلقى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ بۇ خىيانىتىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىباش ئىشتاب باشلىقى ۋەكىلى گېنېرال ئۈمىت دۈندار دۆلىتى ۋە خەلقى بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، گۈللىنىش يولىدا غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان تۈركىيەنىڭ  41 ى ساقچى، 2 سى ئەسكەر بولۇپ، جەمئىي 90 كىشى شېھىت بولغان، 104 ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا تەشەببۇس قىلغۇچى ئۆلتۈرۈلگەن، 1653 ى قولغا ئېلىنغان سىياسىي سۈيىقەستنى تارمار قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئارمىيەسى ئىچىدىكى ئوخشىمىغان ئۇنۋانغا ئىگە ئەسكەرلەر ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا تەشەببۇس قىلدى. تۈركىيە ئارمىيەسى باشتىلا بۇ تەشەببۇسنى رەت قىلغانىدى. جۇمھۇر رەئىسىمىز، باش مىنىستىرىمىز، ھەرقايسى مىنىستىرلىرىمىز دېموكراتىيە ئاساسىسدا مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش سۈيىقەستىنى تارمار قىلدى. بۇ سۈيىقەست جەريانىدا بىر قىسىم ھەددىنى بىلمەس ئۇنسۇرلار تۈركىيە پارلامېنتىنى بومبىلىدى. تۈركىيە خەلقى ئۇلارنىڭ بۇ خىيانىتىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مىللىي ئىرادىگە ساھىب چىققان ئەزىز خەلقىمىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. شۇنى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلايمىزكى، تۈركىيە ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا تەشەببۇس قىلىشنىڭ بارلىق ئىشىكلىرىنى ئاللىقاچان تاقىۋەتكەن. باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار ھەرىكەت رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. تۈركىيە ئارمىيەسىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى تامامەن تازىلىنىدۇ. دۆلىتى ھەم خەلقىگە خىيانەت قىلغان ھېچقانداق بىر كىشى جازاسىز قالمايدۇ. تۈركىيە ئارمىيەسى دېموكراتىك ۋە قانۇن دۆلىتىدىكىگە ئوخشاشلا دائىما دۆلىتىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىدۇ. ئاخىرىدا دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىرادىگە ساھىب چىققان بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرگە، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر