ياۋروپا بىلەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش مەسىلىسى ھەل بولۇش ئالدىدىمۇ؟

ئىبراھىم كالىن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىدە پات يېقىندا بىر ھەل قىلىش چارىسى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

526613
ياۋروپا بىلەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش مەسىلىسى ھەل بولۇش ئالدىدىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم كالىن ياۋروپا بىلەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش مەسىلىسىنىڭ يىقىندا  ھەل بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىبراھىم كالىننىڭ كۈنتەرتىپىدە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مۇراكىرىلىرى بار ئىدى.

ئىبراھىم كالىن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىدە پات يېقىندا بىر ھەل قىلىش چارىسى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىر تۇتاش ۋىزا سىستېمىسىگە كىرگۈزىلىشىدە چىڭ تۇرىمىز. بۇ تۈركىيەنىڭ ھەق – ھوقۇقىدۇر.  ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەبلەر بىلەن كېچىكتۈرۈشكە ۋە توسالغۇ يارىتىشقا ئۇرۇنۇش قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئەھۋال. ئەسلىدە بىز ياۋروپا بىر تۇتاش ۋىزا سىستېمىسىگە بۇنىڭدىن 10 يىل، ھەتتا 20 يىل بۇرۇن كىرىپ بولغان بولىشىمىز كېرەك ئىدى. بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالايمىز. ھازىر تىخنېكا ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرىلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. پات يېقىندا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر