تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئۇتۇقلۇق داۋاملاشتۇرماقتا.

524749
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش قوماندانلىق ئىشتابى داۋاملىشىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى. مەزكۇر باياناتقا ئاساسلانغاندا، شىرناقنىڭ بەيتۇششەباب رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، تېرورچىلارغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئۈچ دانە ئاپتومات، 14 ئوقدان، 420 پاي ئوق، بىر قورال دۇربۇنى، 6 قول بومبىسى ۋە بىر دانە سىمسىز ئالاقىلىشىش ئاپپاراتى قولغا چۈشۈرۈلدى.

شانلىئۇرفانىڭ ئاقچاقەلئە ناھىيەسىدە سۈرىيەدىن تۈركىيەگە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرىشكە ئۇرۇنغان ئىككى تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى، ھاككارىدا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قاچقان بىر تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

باتماننىڭ كوزلۇك رايونىدا بولسا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يول تەكشۈرۈشى جەريانىدا بىر دانە يەرلىك ئۇسۇلدا تەييارلانغان پارتلاتقۇچ چۇۋۇپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر