ئەردوغان ئىسلام ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئىراق ۋە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھەم پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

524232
ئەردوغان ئىسلام ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەلسانى ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر ھاماد بىن خەلىپە ئەسسانى، ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد مەسۇم، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى كېڭىشىنىڭ باشلىقى باقىر ئىززەتبېگوۋىچ قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن تېلېفونلاشتى ھەمدە ئۇلارنىڭ ۋە پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى. باغدادتا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد مەسۇمغا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى مۇناسىۋىتى بىلەن پادىشاھ سەلمانغا تەزىيە بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، يېقىندا ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مەسۇم كىشىلەر ئۈچۈن تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى مۇھەممەد شاھباز شېرىفمۇ ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر