ئەردوغان: ئىراقنىڭ دەردىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنەلەيدىغان دۆلەت تۈركىيە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراقتا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەرد – ئەلەملەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئەڭ ياخشى چۈشىنەلەيدىغان دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

523481
ئەردوغان: ئىراقنىڭ دەردىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنەلەيدىغان دۆلەت تۈركىيە
bağdat saldırı.jpg
başbakan yıldırım.jpg
başbakan yıldırım.jpg
bağdat saldırı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا 167 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولغان، 185 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بومبا ھۇجۇملىرى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىراقتا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە پۈتكۈل ئىراق خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى، بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ ئىراق خەلقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ھەمدە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىللىتى، ئېتىقادى ۋە مەزھىپى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پۈتكۈل ئىراق خەلقىنى ئۆز قېرىندىشىمىز دەپ قارايمىز. ئىراقتا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەرد – ئەلەملەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئەڭ ياخشى چۈشىنەلەيدىغان دۆلەت تۈركىيەدۇر. دائېش دەپ ئاتالغان قولى قانلىق تەشكىلات يېقىندا دۆلىتىمىزدە 45 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئېلىپ باردى. بۇ تەشكىلات ئىسلام نامىنى ۋە مۇسۇلمان سۈپىتىنى ئىشلىتىپ، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان بىر تەشكىلاتتۇر. ئىسلامغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقان بۇ تەشكىلاتقا قارشى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ئىزچىل كۈرەش قىلشىمىز لازىم. باغدادتا يۈز بەرگەن ھۇجۇملار مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى ۋە بارلىق ئىنسانىيەت دۇنياسىنى رايونىمىز ھەم دۇنيانى قانغا بوياۋاتقان بۇ قانخور تەشكىلاتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىرىمىز. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاشنى ئىزاھلاپ بېرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.» جۇمھۇر رەئىس بۈگۈنكى كۈندە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ پىلان لايىھەلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەتە – ئۆگۈن شۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى  ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «شۇڭا، بىز غەرب ئەللىرىنى، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەللەرنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى پىرىپسىپلىق پوزىتسىيە تۇتۇش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرىمىز.» ئەردوغان ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد مەسۇم ۋە باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى ھەم پۈتكۈل ئىراق خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

باش مىنىستىر يىلدىرىممۇ ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادىغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى، يارىدارلار ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى «بالايىئاپەت» دەپ ئاتىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، ھۇجۇملار قاتتىق ئەيىبلىنىپ، تۈركىيەنىڭ مۇشەققەتلىك كۈنلەردە ئىراققا ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.  يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى 167 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولغان پارتلاشتىن كېيىن ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى پارتلاتقۇچلارنى تەكشۈرىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى يىغىۋېلىش، بۇ ئۈسكۈنىلەردىن  قالايمىقان پايدىلىنىش ۋە دۆلەتكە ئېلىپ كىرىش قىلمىشلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى توغرۇلۇق يوليۇرۇق چۈشۈردى. بۇ يوليۇرۇققا ئاساسەن، كونىترول نۇقتىلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يانفۇن ئىشلىتىشى مەنئىي قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر