«بىر قىسىم ئۇنسۇرلار تۈركىيە خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالدىيالمايدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىر قىسىم ئۇنسۇرلار ۋە كۈچلەرنىڭ تۈركىيە خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ھەرگىزمۇ ئالدىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

517566
«بىر قىسىم ئۇنسۇرلار تۈركىيە خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالدىيالمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، تېررورىزمغا ياردەم بەرگەن بىر قىسىم ناھىيەلەر ۋە سىياسىي پارتىيە خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا پۇل ياردەم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «سىلەر دۆلەت ئورۇنلىرىغا ئورۇنلىشىۋېلىپ، تۈركىيە خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالدايمەن دەۋاتامسىلەر؟ شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  ۋە ئۇنىڭ قۇيرۇقچىلىرىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك كۈرەش قىلىۋاتىمىز. قولىغا قورال ئالغان ئۇنسۇرلار تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن تېگىشلىك جاۋابىنى ئالىدۇ. ھەربىي ھەرىكەتلەر تاماملانغان ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى باشلاندى، يېقىن كەلگۈسىدە بۇ جايلار ئىلگىرىكىدىنمۇ ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر