تۈركىيە مۇرسىغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە مىسىرنىڭ سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنى ئەيىبلىدى.

513801
تۈركىيە مۇرسىغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىسىردا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋەزىپسىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان دۆلەتنىڭ سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىغا بېرىلگەن 40 يىللىق قاماق جازاسىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «مىسىرنىڭ دېموكراتىك يوللار ئارقىلىق سايلانغان ۋە 2013 – يىلىدىن بۇيان قاماقتا يېتىۋاتقان پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدىن چوڭقۇر قايغۇرماقتىمىز ۋە ئەيىبلەيمىز. بۇ قارارنىڭ مىسىرنىڭ خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىقىغا ھەسسە قوشمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مىسر قاھىرە جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى، مۇرسىنى دۆلەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قوبۇل قىلىنىپ مەنئىي قىلىنغان مۇسۇلمانلار قېرىنداشلار تەشكىلاتى (ئىخۋان) غا باشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلە مۇددەتسىز (25 يىل)، دۆلەتنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنى قاتارغا بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر