ئىبراھىم كالىن گېرمانىيە گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرتېر ئالگېمېنى زېيتۇڭ گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، گېرمانىيەنى ئەيىبلىدى.

505106
ئىبراھىم كالىن گېرمانىيە گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم كالىن گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش بىلەن، پەقەت قانۇننى دەپسەندە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى تار مەنىلىك ۋە خاتا بولغان قارارنى چىقارغان بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرتېر ئالگېمېنى زېيتۇڭ گېزىتى»دە، «ئەرمېنىيە قارارى: قانۇنغا خىلاپ، خاتا ۋە زىيانلىق» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.

ئۇ ماقالىسىدە، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش 1915 – يىل ۋەقەلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، تۈركىيەنىڭ تۈركلەر بىلەن ئەرمەنلەرنىڭ دىيالوگ ئارقىلىق بىر – بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تۈركيەنىڭ ئەرمېنىيە بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن 2007 – يىلىدا مۇزاكىرەلەرنى باشلىغانلىقىنى خاتىرىلەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىراق، ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى سېرج ساركىسيان 2010 – يىلىنىڭ ئاپرېل ئېيىدا تەستىقلاش مۇساپىسىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى جاكارلىدى. ناھايىتى ئەپسۇسكى يېرىۋاندا ئالغا قاراپ قەدەم بېسىش ئارزۇسى يوق.»

ئۇ گېرمانىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىغا ئىنتايىن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان مىليونلارچە تۈرككە، بۇ قارار بىلەن ھەقسىزلەرچە تۆھمەت قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ: «مەزكۇر قارار تۈرك جەمئىيىتىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان سالدى. فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ تالاش – تارتىشقا تولغان قارارى، تارىخىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ پايدىدىن بەكرەك زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى  يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى» دېدى. ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:

«گېرمانىيە تۈركىيەگە خاتا جىنايەتلەرنى ئارتىپ، تۆھمەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئەرمېنىيەگە توڭلىتىپ قويۇلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش توغرىسىدا بېسىم قىلىشى كېرەك. ئۆزئارا بىر – بىرىنى ئەيىبلەشكە ۋاقتىمىز يوق، مىليونلارچە كىشى دائىملىق تىنچلىق ئۈچۈن دۇئا قىلماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر