65 – ھۆكۈمەت تۇنجى يىغىنىنى چاقىردى

بىنالى يىلدىرىمنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان 65 – ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق مىنىستىرلار كېڭىشى تۇنجى يىغىنى دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلدى.

498478
65 – ھۆكۈمەت تۇنجى يىغىنىنى چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بەشتەپە سارىيىدا چاقىرىلغان ۋە يېڭى تۈركىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە  بولغان يىغىندا، پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆتۈش مەسىلىسىنىڭ ئىچكى - تاشقى جامائەتچىلىككە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال مۇزاكىرە قىلىنغان، يېڭى دەۋردە دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئارا ماسلىشىش ۋە كېڭەشنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر