ئىستانبۇل باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى

ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن: بىر ئۈلگە بولمىسا قانداقمۇ بىرلىك بولالايمىز؟

472174
ئىستانبۇل باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1969 – يىلى قۇرۇلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قالسا ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارالىق تەشكىلات، مۇسۇلمان دۆلەتلەر سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىنى تالاش - تارتىش قىلىدىغان ئەڭ چوڭ مۇنبەر ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ئالدىمىزدىكى ئىككى يىل ئىچىدە نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 13 – نۆۋەتلىك ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى 13 – 14 – ئاپرېل كۈنلىرى «ئادالەت ۋە تىنچلىق ئۈچۈن بىرلىك ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدا ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى.

بۇ تېما مۇسۇلمانلار دۇنياسى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە دۇئېل ئېلان قىلىشلار ھەققىدە نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان پۇرسەتلەر توغرىلىقمۇ يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىمەكتە. يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى بىرلا ۋە ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ ئەمما ھالقىلىق بىر پىكىرگە مەركەزلەشكەنىدى: مىللەتلەر ئارا بىرلىك ۋە ھەمكارلىق بولماي تۇرۇپ، تىنچلىق ۋە ئادالەت ئورناتقىلى بولمايدۇ. بىز نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ئۆتكەللەردىن ھالقىپ ئۆتۈش ۋە ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مۇسۇلمان مىللەتلەر ھەم ئۆز ئالدىغا ھەم گۇرۇپپا ھالىتىدە ئورتاق مەنپەئەتلەرنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغان كۈنتەرتىپ يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنى ئېيتىش، ئىشقا ئاشۇرۇشتىنمۇ قولاي، ئەلۋەتتە. گۇرۇپپا مەنپەئەتلىرى ھەممىنى بەھرىمەن قىلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى تۈگىتىپ، مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمدە گۇرۇپپا ۋە ئەزەلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ئەسلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشىغان بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ: ھەر بىر ئەزا گۇرۇپپىنى ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئەندىشىلىرىنى تۈگىتىپ بېرىدىغان مۇنبەر دەپ قاراشنى خالايدۇ.

شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش نىشانى بولغان پەلەستىن مەسىلىسى، ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار، ئەزا دۆلەتلەر ئارا سودا، ئىسلام دۈشمەنلىكى قاتارلىق ئورتاق مەنپەئەتكە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلىلەر بار. بىراق بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئەمەسمىز. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەسىلىلىرى ئۈچۈن لوبى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى تەبىئىي ئەھۋال، ئەلۋەتتە. بۇ يەردە مۇھىم بولغان مەسىلە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەر بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان مېخانىزم تۇرغۇزۇش يولىدا ئىزدىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۇرۇپپا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇش، بىرلىك بولۇش ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

تىنچلىق ۋە ئادالەت نۆۋەتتە پەقەت مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭلا ئەمەس، ئىسلام ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىسىنىڭمۇ مەڭگۈ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر. بۇ ئىككى ئاتالغۇ ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، «ئىسلام» ئىبارىسى «تىنچلىق» ۋە «ئامانلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تۈپ يىلتىزىدىنلا «ئامانلىق» بولغان ۋە «تىنچلىق» ئورنىتىشنى نىشان قىلىدىغان بىر دىننىڭ زامانىۋى دۇنيادا زوراۋانلىق ۋە تېررورىزم بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىشتۇر. تېخىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، دىن نامىدىن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىۋاتقانلار، زوراۋانلىق ۋە تېررورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆز – ھەرىكەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئادالەت يولىدا جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. تىنچلىق ۋە ئادالەتتەك بۇرمىلانغان ۋە ئەزىيەت يەتكۈزەلگەن ئاتالغۇ بولمىسا كېرەك.

ئىلاھىي ھەقىقەتكە ئاساسلىنىدىغان تىنچلىق ۋە ئادالەت دۇنياۋى ۋە ئىنسانىي تۈزۈمنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ھەقىقەت شۇكى، ئادالەت بولمىسا تىنچلىق بولمايدۇ. ئۇل تېشى توغرا ۋە ئادىل بولمىسا تىنچلىقنى دائىملىق قىلغىلى بولمايدۇ. ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۇنسۇرلىرىدىن خالىي بولغانلىقى ئۈچۈن، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشماقتا. بۇنىڭغا پەلەستىن مەسىلىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى مىسال بولالايدۇ، ئەلۋەتتە.

بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ھەم ھەمكارلىقنىڭ ئىسمىنى مۇناسىپ شەكىلدە قويۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىرلىك بولۇش ئۈچۈن ئۈلگە بولۇش مەجبۇرىيىتىمىز يوقتۇر. بىرلىك بولۇش پۈتكۈل مەسىلىلەردە شەكىلۋازلىق قىلىشنى تەقەززا قىلمايدۇ. دەل ئەكسىچە بىرلىك ئىچىدىكى ئوخشىمىغان ئۇنسۇرلارنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. كىلاسسىك مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ قانچە ئەسىرلىك مېھنەتلىرى داۋامىدا ئوتتۇرىغا قويغان «ئوخشىماسلىق ئىچىدىكى بىرلىك» ئاتالغۇسى بۇ مۇھىم ھەقىقەتكە ئىشارەت قىلماقتا. بىزمۇ بۇ ھەقىقەتنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىرلىكىمىزنى مۇستەھكەملىگەن تەقدىردە، ھەم يەككە ھەم گۇرۇپپىلار ھالىتىدە بىزنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ئوخشىماسلىقتەك مىسلىسىز بايلىقىمىزنى قوغداپ قالالىشىمىز مۇمكىن.

13 – نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان زەنجىرسىمان مەسىلىلەر دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەقەززا قىلماقتا. بىر – بىرىدىن مۇھىم بولغان ھەر بىر مەسىلىگە «ئوخشىماسلىق ئىچىدىكى بىرلىك» قارىشىغا ئاساسەن نەزەر تاشلىغاندىلا ئاندىن ھەر بىرى بىرەر ئۇقۇمغا ئىگە بولىدۇ ۋە ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ.

دائېش، ئەلقائىدە، ئەششەباب، پ ك ك ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ قامچىلىرى ھەممە كىشىدىنمۇ كۆرە مۇسۇلمانلارنى قامچىلاشنى نىشان قىلماقتا، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى ۋە ئاخبارات ئالماشتۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بىراق تېررورىستلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ. زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاشقۇنلۇقنى زورايتىۋاتقان رادىكاللىشىش دولقۇنىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، مۇسۇلمان دىنىي ۋە سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە خىزمەت ئىشلىشىگە توغرا كېلىدۇ. رەھبەرلەرنىڭ ياشلار ھەقىقەت بىلەن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزمەستىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ئەقلى ھەم كۆڭلىنى ئۇتۇش مەجبۇرىيىتى باردۇر.

مەزھەپچىلىك مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئادالەت ۋە تىنچلىقنىڭ ئۇلىنى كولاپ، نەپرەت ئارقىلىق پارچىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلىدۇر. سۈننىي ۋە شىئە مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئەسلىدە دىن ياكى مەزھەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، ئەكسىچە ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارنى باش – ئاخىرى يوق ئەيىبلەش، كەمسىتىش ۋە تۈرلۈك بەتناملارنى چاپلاش قەپىسىگە سولاپ قويۇۋاتقان مىللەت – دۆلەت رىقابىتى ۋە نۇپۇز ئۇرۇشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

ئىران، ئىراق ۋە لىۋاندىن سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت ۋە پاكىستانغىچە پۈتكۈل مۇسۇلمان دۆلەتلەر بۇ قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشنىڭ چارىسىنى تېپىشىنىڭ؛ مەيلى سۈننىي بولايلى، مەيلى شىئە بولايلى ھەممىمىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلىشىمىز، ھەممىمىزنىڭ قۇرئان كەرىمگە ئىشىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىدىغانلىقىمىزنى ۋە بىر قىبلىگە يۈز كەلتۈرىدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.

ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا مۇۋەپپەقىيەتسىز دۆلەتلەر ۋە ئاجىز ھۆكۈمەتلەر، يوقسۇللۇق، ئىشسىز ياشلار، مۇھىتنى بۇلغاۋاتقان تەھدىتلەر، ناچار شەھەرلىشىش ئەھۋاللىرى، باراۋەرلىك ئاساسىدىكى پۇرسەتلەرنىڭ بولماسلىقى، ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان زوراۋانلىقلار، مائارىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە مىكرو پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كېچىدىلا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان سەزگۈر مەسىلىلەر بولۇپ، سېھىرلىك ھەل قىلىش چارىلىرى يوق. ئەمما ئوخشاش پىكىردە ۋە ئاڭدا بولۇش مەجبۇرىيىتىدىن خالىي ھالدا قۇرۇلىدىغان، ئەھدىنامىلىرىگە بىردەك رىئايە قىلىنىدىغان كۈچلۈك بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىقلا مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتالىشىمىز مۇمكىن.

ئالدى بىلەن، ئۆز روھىي دۇنيامىزدا، ئاندىن ئۆز خەلقىمىز ۋە مىللىتىمىز ئىچىدە، ئارقىدىن ئۆز رايونلىرىمىزدا تىنچلىق ۋە ئادالەت ئورنىتالىساق، نۆۋەتتە بىز دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىشىمىز مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر