پ ك ك نى قوللىغان پارلامېنت ئەزالىرى سوتلىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قورال توشۇغان پارلامېنت ئەزالىرىنى سوتلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

468934
پ ك ك نى قوللىغان پارلامېنت ئەزالىرى سوتلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھالچ كونگرە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەھەر رايونىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىش ۋە ئەقىللىق شەھەرلەر قۇرۇلتىيى» دا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ گۇمانلىق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ توشۇشىنى ساقلاشقا كېرەك يوقلۇقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئالاھىدە ھوقۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش دېگەندە، بەزىلەر «بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ› دېگەندەك چۈشەنمەكتە. بۇنداق دېگەنلىك ئەسلىدە ئۇنداق قىلىش ئەمەس، بەلكى كىم توغرىسىدا ئەرز بولسا، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلەرنىڭ دەرھال سوتقا تاپشۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنچىۋالا ۋەقەلەر يۈز بەرگەن تۇرۇقلۇق، سەن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ماشىناڭ بىلەن، جىنازىلار بىلەن قورال توشۇ، مەن سېنىڭ خىزمەت مۇددىتىڭنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ساقلاپ تۇراي!» دېدى.

ئۇ تېررورىستلارنىڭ پاسكىنا سۇ، پاكىزە سۇ، يامغۇر سۈيى، تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى، ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خەۋپسىزلىك قىسىملىرىمىزنى كىرمىسۇن، دەپ خەندەك كولىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«تېررورلۇق تەشكىلاتى 2015 – يىلى ئىيۇل ئېيىدىن باشلاپ شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىمىزدىكى ئوخشىمىغان ناھىيەلەردە ئىنسانىيەتكە ۋە ئەخلاققا خىلاپ بولغان ئۇسۇللار بىلەن پۇقرالارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. بەزى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر خەلققە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەن ماشىنا – ئاپتوموبىللارنى تېررورىستلارغا بېرىپ، خەلققە سېلىنىۋاتقان زۇلۇملارغا شېرىك بولدى.»

ئۇ: «دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنىلا قىلىش ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ كۆڭلىدىمۇ تەخت قۇرۇش. شۇڭا، پۇقرالارنىڭ دۆلەتكە بولغان ئىشەنچى، ساداقىتى ۋە ئېتىقادىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشكە مەجبۇرمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر