ئەردوغان: ياخشى نىيىتىمىز سۈيئىستېمال قىلىندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۈرت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سىياسىتىنىڭ سۈيئىستېمال قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

455320
ئەردوغان: ياخشى نىيىتىمىز سۈيئىستېمال قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياخشى نىيەت بىلەن يولغا قويۇلغان كۈرت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سىياسىتىنىڭ سۈيئىستېمال قىلىنىپ، تۈركىيەگە زور مىقداردا قورال-ياراغ يۆتكەش ئۈچۈن پايدىلىنىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئىستانبۇل يىلدىز سارىيىدا ت ر ت قاناللىرىدا بىۋاستە تارقىتىلىدىغان «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ»ناملىق مەخسۇس پىروگراممىغا قاتنىشىپ، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ياشلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەردوغان تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان فەنەرباھچە-گالاتاساراي پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ، تېررورلۇق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن كىچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىر ئوقۇغۇچىنىڭ «تېرررولۇق قىلمىشلىرى، بومبىلىق ھۇجۇملار بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى نىشانغا ئېلىنماقتا. بىزنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنى مەقسەت قىلىدىغان سىياسەت باردەكلا بىلىنىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟» تەرىقىسىدىكى سوئالىغا ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تېررورىزىمغا قارشى 35 يىللىق كۈرەش قىلىش تەجرىبىسى ۋە ئۆتمۈشى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيە، ئىراق ۋە ئىران چېگرالىرىنىڭ تولىمۇ ئۇزۇن بولۇشى سەۋەبىدىن قورال-ياراغلارنىڭ مەخپىي كىرىشىنى توسۇپ قېلىشنىڭ تولىمۇ قىيىنلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان، شەرقىي جەنۇبىي رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئۆيلەرنىڭ يەر ئاستىلىرىدىن قورال-ياراغ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيە كىرزىسى ئۈستىدە توختالغان ئەردوغان مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدە 500 مىڭ كىشى قەتلى قىلىندى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەسەد دۆلەت تېررورىزىمى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەسلىدە ئەسەد لاھەيدە سوتلىنىشى كېرەك، بىراق خەلقئارا بۇنى ھەل قىلالغىنى يوق.»

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى مەسىلىسىدە ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 1963-يىلدىن بۇيان داۋاملىق گوللاش تاكتىسىنى ئىشقا سېلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى، بىراق يېقىنقى يىللاردا كۈتۈلمىگەن سىياسىي قارارلار بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا سانىنىڭ 15تىن 28گە يەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەيلى ئەزالىق مەسىلىسى بولمىسۇن، مەيلى ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش مەسىلىسى بولمىسۇن، تۈركىيەگە سەممىي مۇئامىلە قىلىپ كەلمىگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئەردوغان، شەنگەن مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدە پارلامېنت ئەزالىرىغا چېقىلماسلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىمۇ بار ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتە تاشلىغان قەدەملەرنى قوللىغانلىقىنى ئېيتىپ، سىياسەتنىڭ ئالدىدىكى توساقلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان، باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ «نۆۋەتتە پارلامېنتتا بىر تەرەپ قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان 506 دەك بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە بار، ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك»دېگەن چاقىرىقىنى قوللايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر