ئۆلىمالار ئىتتىپاقى ئەنقەرەدىكى ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئالىملار (ئۆلىمالار) ئىتتىپاقى، ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

452766
ئۆلىمالار ئىتتىپاقى ئەنقەرەدىكى ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
turkiye-alimler-birligi-insanlik-disi-eylemlere-hep-birlikte-karsi-cikilmali.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئالىملار (ئۆلىمالار) ئىتتىپاقى، پۈتكۈل خەلقنىڭ، ئۆلىمالارنىڭ كىمنىڭ قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىرلىك، ھاياتلىق ۋە قېرىنداشلىقنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلارغا بىردەك لەنەت ئوقۇشى ۋە بۇلارغا قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە ئالىملار ئىتتىپاقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 13 – مارتتا ئەنقەرەدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى باشتا بولۇپ بارلىق تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىنىشى، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

تېررورلۇقنىڭ ھەق تەلەپ قىلىشنىڭ يولى ئەمەسلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا، كىمنىڭ قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ناھەق ۋە غەيرىي ئىنسانىي بىر خىل ھەرىكەت، دەپ باھا بېرىلگەن تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ھەقلىق ئەمەسلىكى قەيت قىلىندى.

تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ قۇربانلىرىنىڭ بىگۇناھ كىشىلەر، ياشانغانلار ۋە بالىلار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «تېررور جىھاد ئەمەستۇر. ئىسلام ئۇرۇش پەيتىدىمۇ ئاياللارنىڭ، بالىلارنىڭ، ياشانغانلارنىڭ، ئىبادەت قىلىۋاتقان دىنىي كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى مەنئىي قىلىدۇ. بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ خەلقىمىزنىڭ پۈتكۈل قاتلاملىرىنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ۋە قېرىنداشلارچە ياشاش ئارزۇسىنى قايتىدىن مۇستەھكەملەش ئىرادىسىنى نامايەن قىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە كۆپىيىپ قېلىشى، بۇنىڭ بىر ئىمپېرىيالىست كۈشكۈرتۈش شۇنداقلا چەتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يەرلىك گۇماشتىلارغا قىلدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشنى كۈچلەندۈرمەكتە.» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر