ئافغانىستاندىكى تۈركلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى تۈركلەرنىڭ ئىش ئورۇنلىرى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

445427
ئافغانىستاندىكى تۈركلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
kabil saldırı .jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى تۈركلەرنىڭ ئىش ئورۇنلىرى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 2 تۈركىيە پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئىككىسى ئېغىر يارىلاندى.

باشقا بىر ھۇجۇمدا بىر تۈرك تۇتۇپ كېتىلدى.

تۈركىيە پۇقراسى ئوسمان كايانىڭ ئىش ئورنىغا كىملىكى نامەلۇم قوراللىق ھۇجۇمچى ھۇجۇم قىلىپ، 2 تۈركنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، ئىش ئورنى ئىگىسى بىلەن يەنە بىر كىشىنى ئېغىر يارىلاندۇردى. يارىدارلار كابۇلدىكى بىر دوختۇرخانىدا بالىنىستقا ئېلىندى. تۈركىيەنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەلى سائىت دوختۇرخانىغا بېرىپ، يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدى.

كابۇل ساقچىلىرى ۋەقە ئۈستىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كىملىكى نامەلۇم بىر تۈركۈم كىشىلەر ۋەقە يۈز بەرگەن مىنۇتلاردا تۈركلەرنىڭ يەنە بىر ئىش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىپ، شىركەتتە ئىشلەۋاتقان بىر كىشىنى تۇتۇپ كەتتى. ئىسمى ئاشكارىلانمىغان كىشىنىڭ كىم ياكى كىملەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھازىرچە ئېنىقلىنالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر