ئەردوغان: تېررورلۇق ھۇجۇملىرى تۈركىيەنىڭ سەۋر قاچىسىنى تاشۇردى

ئەنقەرەدىكى خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقنىڭ جېنىغا زامېن بولۇۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ سەۋر قاچىسىنى تاشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

434872
ئەردوغان: تېررورلۇق ھۇجۇملىرى تۈركىيەنىڭ سەۋر قاچىسىنى تاشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان: ئەردوغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىگەندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىق بىگۇناھ خەلقىمىزنىڭ جېنىغا زامېن بولۇشى سەۋر قاچىمىزنى تاشۇرماقتا. بىرلىكىمىز، باراۋەرلىكىمىز ۋە كېلەچىكىمىزگە قەست قىلىۋاتقان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىدا يۈز بېرىۋاتقان ھۇجۇملارغا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۋش ئىرادىمىز قەتئىي بولۇپ، بۇنداق ھۇجۇملار بىزنىڭ ئىرادىمىزنى بوشاشتۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. شۇنى تەكىلەيمەنكى، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسى قەتئىي بولۇپ، ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي جەھەتتىن ھېچقانداق ئۆلچىمى بولمىغان بۇنداق ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان گۇماشتىلار ۋە پەردە ئارقىسىدىن ئۇلارنى قوللاۋاتقان كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز. تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقىنى ھەمىشە ۋە ھەممە يەردە ئىشلىتىشتىن قىلچە ئايانمايدىغانلىقىنى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلايمىز. ئەزان ئاۋازىمىزنى توختىتىشقا، بايرىقىمىزنى چۈشۈرۈۋېتىشكە ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر