داۋۇتئوغلۇ: رۇسىيەنىڭ بومبىلىرى توغرىسىدا بىرمۇ بىر مەلۇماتىمىز بار

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە بومباردىمان قىلىۋاتقان جايلارغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىڭ بىرمۇ بىر قولىدا باررلىقىنى بىلدۈردى.

429791
داۋۇتئوغلۇ: رۇسىيەنىڭ بومبىلىرى توغرىسىدا بىرمۇ بىر مەلۇماتىمىز بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى ھەپتىلىك يىغىندا سۆز قىلىپ: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ قالدى، بىراق بۇ ئەھۋالغا يېتەر دەيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى» دېدى.

ئۇ موسكۋا ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئاھالىلەر رايونىنى رەھىمسىزلەرچە توختىماي بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «قولىمىزدا رۇسىيەنىڭ ئېتىۋاتقان بومبىلىرىنىڭ قەيەرگە چۈشۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا بىرمۇ بىر مەلۇماتىمىز بار. 6 مىڭدىن ئارتۇق بومبىنىڭ %90 دىن كۆپى پۇقرالارغا ۋە مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرگە ئېتىلدى، دائېشقا پەقەت %10 لا ئېتىلدى. قولىمىزدا ھەر بىر ئېتىلغان بومبا توغرىسىدا مەلۇماتىمىز بار، بۇنى ئامېرىكىمۇ بىلىدۇ، ھەتتا ب د ت مۇ بىلىدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىدە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تۈنۈگۈن (8 – فېۋرال) ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىن كېلىدىغان يېڭى كۆچ دولقۇنىغا ئىشىكىنى تاقىۋالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ مۇنۇلارنى دېدى:

«بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيە بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئوچىقىنى ئۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئاسماندىن بومبا ياغدۇرۇۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن مېركېل بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرەلەشتۇق. ئويلاپ بېقىڭلار، سۈرىيە خەلقى بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە بەش يىل چىدىدى. بۇنى ئاز دېگەندەك، ھىزبۇللاھ كۈچلىرى كىردى، ئىراننىڭ مېلىتانلىرى كىردى، ئارقىدىن رۇسىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن كىردى. ھازىر سۈرىيەدىن 70 مىڭ كۆچمەننىڭ چېگراغا كېلىش ئېھتىمالى بار. بىز ھېچبىر قېرىندىشىمىزغا ئىشىكىمىزنى تاقىمايمىز، ئەمما ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق جەمئىيەت بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت قالمىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر