باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ قازاقىستاندا

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدىكى ئۇچرىشىشلىرى باشلانغان باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ سىياسىيونلار، ئاكادېمىكلار ۋە كارخانىچىلار بىلەن كۆرۈشىدۇ.

428119
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ قازاقىستاندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان باش مىنىستىرى كېرىم ماسىموۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قازاقىستانغا كەتكەن باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ ئالدى بىلەن كەسپدىشى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى.

داۋۇتئوغلۇ قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ، ئارقىدىن تۈركىيە – قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە سودا – سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ. باش مىنىستىرنىڭ كېيىنكى بېكىتى تۈرك كېڭىشى قارمىقىدا ئاستانەدە قۇرۇلغان خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىەسى بولىدۇ. داۋۇتئوغلۇ بۇ يەردە قازاق سىياسىيونلار، ئاكادېمىكلار ۋە دىپلوماتلارغا خىتاب قىلغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر