چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەتە سەلانىكتە چاقىرىلىدىغان 31 – نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن گىرېتسىيەگە بارىدۇ.

144061
چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىن، تۈركىيە قۇرغۇچى ئەزاسى بولغان ۋە باش كاتىبات باشقارمىسى ئىستانبۇلغا جايلاشقان قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
يىغىندا، قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا – ئىقتىساد، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئۇچۇر – ئالاقە، پەن – تېخنىكا، ساياھەت ۋە مائارىپ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ھەمكارلىق ساھەلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەشكىلاتنىڭ لايىھە مەنبەلىك، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى ۋە قۇرۇلمىسى ساغلام بىر ئورگانغا ئايلاندۇرۇلۇشى يولىدا تاشلىنىۋاتقان قەدەملەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.
چاۋۇشئوغلۇ، قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدىن كېيىن گۈمۈلجىنەدە زىيارەتتە بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر