دىپلوماتىك مۇناسىۋەت پائالىيەتلىرى ئاياغلاشتى

تۈركىيە بىلەن پولشا ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 600 – يىللىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى تەنتەنىلىك مۇراسىم ئارقىلىق ئاياغلاشتى.

142121
دىپلوماتىك مۇناسىۋەت پائالىيەتلىرى ئاياغلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمنىڭ ئېچىلىشىدا باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بىلەن پولشا باش مىنىستىرى ئېۋا كوپاكزى لىنتا كەستى.
سەنئەت نومۇرلىرىمۇ ئورۇنلانغان مۇراسىمدا، ئىككى باش مىنىستىر تۈركىيە – پولشا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق خۇشخەۋەر يەتكۈزدى. باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە ۋىزىلارنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق خۇشخەۋەر بەردى.
داۋۇتئوغلۇ، «پولشاغا ۋىزىلارنى بىكار قىلىش قارارى ئالدۇق. كوپاكزىمۇ ھاۋا قاتنىشىدا فرېكانسنى كۈچەيتىش ۋە سىچېنگېن ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش مەسىلىسىدە تۈركىيەنى تولۇق قوللاش توغرۇلۇق ۋەدە بەردى» دېدى.
بۇ ھەقتە ئېلىنغان قاراردىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان پولش باش مىنىستىرى كوپاكزىمۇ، تۈركلەرگە قارىتا يولغا قويۇلۇيۋاتقان سىچېنگېن ۋىزىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقلىرىنى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزالىق باسقۇچىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
نۇتۇقلاردىن كېيىن مۇراسىم، بۇرسا رايونلۇق سىمفونىيە ئوركېستىر ئۆمىكى ئورۇنلىغان نومۇرلار بىلەن داۋاملاشتى. خەلق ئويۇنلىرى ۋە خەلق ناخشىلىرى بىلەن داۋاملاشقان مۇراسىم، مەھتەر ئۆمىكى ئورۇنلىغان نومۇرلار بىلەن ئاياغلاشتى.
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، مۇراسىمدىن كېيىن كونسېرت جەريانىدا ھازىرلانغان ئەبرۇ ماي بوياق رەسىمىنى كەسپدىشىغا ھەدىيە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر