ئەردوغان ئابباس ۋە مەشئەل بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە ھاماس سىياسىي بىيۇروسى رەھبىرى خالىد مەشئەل بىلەن تېلېفونلاشتى.

151682
 ئەردوغان ئابباس ۋە مەشئەل بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە ھاماس سىياسىي بىيۇروسى رەھبىرى خالىد مەشئەل بىلەن تېلېفونلاشتى.
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇچرىشىشتا غەززەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىندىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. ئۇچرىشىشتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىغا خاتىمە بېرىلگەن، 1967 - يىلقى چېگرا لىنىيەلىرىگە ئاساسەن پايتەختى قۇددۇس بولغان مۇستەقىل ۋە ئۆز - ئۆزىگە خوجا بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغاندىلا ئاندىن رايوندىكى سۈركىلىشنىڭ ئادىل ۋە ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشىنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستا 2 مىڭ 610 تۇرالغۇ بىنا قىلىش توغرۇلۇق ئالغان قارارىدىن سىرت يەنە، مەسجىدى ئەقسادا مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئابباس بىلەن مەشئەل بولسا، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىلەن يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسادا كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈركىلىشنىڭ جىددىي ئەندىشە مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇچرىشىشتا يەنە، پەلەستىنلىكلەر ئارا بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان. بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلاردىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنى ئالدىمىزدىكى مەزگىلدىمۇ داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر