ئەردوغان: ھەر بىر دۆلەتنىڭ بىر مەسئۇلىيىتى بار

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەگە قايتتى.

141475
ئەردوغان: ھەر بىر دۆلەتنىڭ بىر مەسئۇلىيىتى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەگە قايتتى.
ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا بايانات ئېلان قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەرگە بۇراشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما دۇنيانىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەرگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشتىكى رولى توغرۇلۇق توختالغاندا، «49 نەپەر كونسۇلخانا خادىمىمىز گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانىدى، ئەمدى بولسا ۋەزىيەت ئۆزگەردى، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچ باشقىچە بولىدۇ» دېدى.
2 - ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قارارنامە مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەملەرمۇ شۇ قارارنامىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە تەستىقلىنىپ تەستىقلانماسلىقىغا باغلىق» دېدى.
گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسىنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈركىيە چېگرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەردە 3 مەسىلىىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «بۇلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت: بىرىنچىسى، ئۇچۇش مەنئىي قىلىنغان رايون تەسىس قىلىنىشى ۋە بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى؛ ئىككىنچىسى، بىخەتەر رايوننىڭ سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدە تەسىس قىلىنىشى؛ ئۈچىنچىسى، بۇ باسقۇچنى كىملەر بىلەن باشقۇرىدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى.» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قايتىش يولىدا ئايروپىلاندىمۇ «ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى پەقەت ھاۋا ھۇجۇملىرى ئارقىلىقلا يوقاتقىلى بولمايدۇ، چۈنكى قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى بولمىسا ئىش يېرىم قالىدۇ» دېدى.
چېگرىلىرىمىز تەھدىتكە ئۇچرىغان تەقدىردە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ئالدىمىزدىكى ھەپتە دۆلەت بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيىتى بار، تۈركىيەمۇ مەسئۇلىيىتىنى چوقۇم ئادا قىلىدۇ، جۈملىدىن بىزنىڭ چېگرىلىرىمىزنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر